باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ گاۋلى خېبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولۇۋاتقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەش كېرەك

2017.12.27 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋە 24- نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گاۋلى 25- چېسلادىن 26- چېسلاغىچە خېبېيدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  26- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ گاۋلى 24- نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى مۇھاكىمە قىلدى.

  جاڭ گاۋلى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ, مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ مەيدان-سارايلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇسابىقە مەزگىلىدىكى ئېھتىياجلار، مۇھىت ئاسراش ۋە مۇسابىقىدىن كىيىنكى پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.«بېيجىڭدىكى ئۆتكۈزۈۋېلىش-ئۆتكۈزۈپ بېرىش» ئىشى، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىش دېگەندەك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر