باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

2017.12.25 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتلىق ساقچى تەرەپ 24- چىسلا مۇنداق دېدى: بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان شۇ كۈنى ئەتىگەندە چۈشۈپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى.

  فلورىدا شىتاتى پولك ۋىلايىتىنىڭ ساقچى باشلىقى گرادى جاد شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا مۇنداق دېدى: بىر قوش قوزغاتقۇچلۇق شەخسىي ئايروپىلان شۇ يەر ۋاقتى سائەت يەتتىدىن 15 مىنۇتچە ئۆتكەن ۋاقىتتا فلورىدا شىتاتىنىڭ باتو ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ چىقىپلا، ئارقىدىن يەنە چۈشۈپ كېتىپ، ئوت كەتكەن. ئۇ ۋەقەدە ھايات قالغۇچى بولمىغان. ساقچى تەرەپ تېخى قازا قىلغانلارنىڭ سانى ۋە سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ بولالمىغان.

  جاد مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندە ئايرودرومدا تۇمان بەك ئېغىر بولغان. نۆۋەتتە، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، بىراق، بۇ ۋەقە تۇمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا دۆلەت ترانسپورت بىخەتەرلىكى كومىتېتى خادىملىرى نەق مەيدانغا بېرىپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر