باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى دۇنيا بويىچە 2- ئورۇنغا ئۆتتى

چەتئەل مەبلىغى ئىجازىتىنىڭ چەكلىمىلىرى زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ

2017.12.28 11:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك سودا خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ، ساپ مەبلەغ چىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ قالدى. كەلگۈسىدە جۇڭگو تېخىمۇ تىرىشىپ، چەتئەللەرگە مەبلەغ سالغۇچى دۆلەتلەر ئىچىدىكى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ دۆلەتتىن تەرەققى قىلىپ، دۇنيا بويىچە، چەتئەللەرگە مەبلەغ سالغۇچى بىرىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلانماقچى.

  ئالدىنقى 11 ئايدا، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى ۋە ماشىنا ئادەم ياساش قاتارلىق ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە گۈللەنمە كەسىپلەر ساھەلىرىدە قوشۇپ سېتىۋېلىش كۆپەيدى، نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قوشۇپ سېتىۋېلىشنىڭ تۈرلىرى 52گە يەتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئالاقىدار دۆلەتلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 12 مىليارد 370 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، چەتئەللەرگە سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ نىسبتى ئۈچ پىرسەنت پوئىنتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. غەيرىي ئىدراكىي ھالدىكى مەبلەغ سېلىش ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.

  يىغىندىن يەنە ئىگىلىنىشىچە، چەتئەل مەبلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى جەھەتتە، سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بەزى تۈزۈملەر، يەنى ئىجازەت بېرىشتىن بۇرۇن خەلق تەمىناتى بىلەن تەتۈر تاناسىپلىق ھالەتتە تۇرغان مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىلىدىكەن؛ بازار ئىجازىتىنىڭ چەكلىمىلىرى زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ، ياساپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كەسپلىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى چۇڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى پائال تۈردە ۋە پۇختا ئاساستا ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن؛ رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ياخشىلىنىپ، غەربىي رايونلارنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش كۆلىمى ۋە سۈپىتى قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر