خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 3دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر 2- نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق،يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى گۇرۇپپىلىرىغا 30- نومۇرلۇق 3- گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ھەمدە ئۇ سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى .
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى گۇرۇپپىلىرىدىكى بۇ 30- نومۇرلۇق 3- گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھتا كۆپ يۇلتۇز گۇرۇپپىسى تورى ئەندىزىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇ گۇرۇپپىدىكى سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى ئېلېكتىر ماگنىت مۇھىتىنى تەكشۈرۈشكە ۋە ئالاقىدار تېخنىكا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى