باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ ئەڭ نۇرلۇق، ئەڭ بىخەتەر مەكتەپ بەرپا قىلىنىدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش لايىھەسى»نى تارقاتتى

2017.12.28 12:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىش قىلمىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۆلەت مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشى بىلەن، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «تۈزەش لايىھەسى»دە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «تۈزەش لايىھەسى»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشى — مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا (جۈملىدىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن، بىر تەرەپ (يەككە كىشى ياكى بىر توپ كىشى) بىر قېتىم ياكى كۆپ قېتىم قەستەن ياكى يامان نىيەتتە قول-پۇت، سۆز ياكى تور قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بوزەك قىلىپ، ھاقارەت قىلىپ، يەنە بىر تەرەپ (يەككە شەخس ياكى توپ)قا قارىتا جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش، مال- مۈلۈك زىيىنى ياكى روھىي زىيان قاتارلىقلارنى پەيدا قىلغان ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. «تۈزەش لايىھەسى»دە جايلار ۋە مەكتەپلەردىن ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوينىشىشنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈپ بېكىتىش، توغرا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  «تۈزەش لايىھەسى»دە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ تەدبىرلەر تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، مەكتەپلەر تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر مەۋسۇملۇق ئوقۇش باشلانغاندا مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش، ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش قاتارلىق دەرسلەردە مەخسۇس ئوقۇتۇش بۆلىكى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تەربىيەسىنى قەرەللىك ئېلىپ بېرىش لازىم.

  ئىككىنچى، ئاتا-ئانىلارغا بولغان تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش لازىم. مەكتەپ ياكى مەھەللىلەرنى قەرەللىك ھالدا مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە دەرسىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، ئاتا-ئانىلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىش، كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش لازىم.

  ئۈچىنچى، مەكتەپلەر باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسى، جىددىي ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى تۈزەش كومىتېتى قۇرۇش لازىم.

  تۆتىنچى، قەرەللىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. كەسپىي ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىش ياكى مەكتەپلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تەكشۈرۈشىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، بوزەك قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئالامەتلەر ياكى ياكى يۈز بەرگەن، يۈز بېرىۋاتقان بوزەك قىلىش ۋەقەلىرىنى ۋاقتىدا تېپىپ چىقىش لازىم.

  «تۈزەش لايىھەسى»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش ۋەقەلىرىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەكتەپ ئاساس قىلىنىدۇ. مەكتەپ بوزەك قىلىش ۋەقەسى يىپ ئۇچىنى بايقىغاندىن كېيىن، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەش كومىتېتى بۇ ۋەقەنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش قىلمىشىغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش ۋەقەسىدىكى ئەرز تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغاندا، قايتا تەكشۈرۈشنى قوزغىتىش كېرەك. قانۇنغا، دەۋاغا چېتىشلىق دېلولار مۇناسىپ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بېجىرىلىدۇ.

  «تۈزەش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللاردىكى بوزەك قىلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ تەربىيە بېرىش، تەنبىھ بېرىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. قىلمىشى يېنىك بولغان ئادەتتىكى بوزەك قىلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا مەكتەپ تەرەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا بولغان تەنقىد-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان، بوزەك قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيىتىگە ئېنىق زىيان پەيدا قىلغان ئېغىر بوزەك قىلىنىش ۋەقەسىگە قارىتا، مەكتەپ بوزەك قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەنقىد-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى بوزەك قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا تەنبىھ - ئىبرەت تەربىيەسى بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ؛ قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەن ياكى قىلمىشى قەبىھ، ئېغىر بولغان بوزەك قىلىش ۋەقەسىگە قارىتا، زۆرۈر تېپىلغاندا بوزەك قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس (ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان) مەكتەپكە ئەۋەتىپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدىغان ياكى جىنايەتكە چېتىشلىق بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر