جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى - 6K بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى يىراق ئوكيان مەشىقى قىلماقتا (12- ئاينىڭ 18- كۈنى تارتىلغان).
بازىلاشقان مەشىقتە «ھەقىقىي بولۇش، قىيىن بولۇش، خەتەرلىك بولۇش» گەۋدىلەندۈرۈلدى، مەشىقنى نازارەت قىلىش «تارىختىن بۇيان ئەڭ قاتتىق» بولدى، مانىۋېر ۋە مەشىقتە «ماركىلىشىش» شەكىللەندۈرۈلدى، مەشىق مەيدانى «بىرىنچى سەپ»كە يېقىنلاشتى...
2017-يىلى، يېڭى دەۋرگە كىرگەن جۇڭگو ئارمىيەسى مەسئۇلىيەت- بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى ھەرۋاقىت زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ «مەشىقتە جاپادىن قورقمايدىغان، ئۇرۇشتا ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان» ھەقىقىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى