باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن سەككىزنى ئاشكارىلىدى

2017.12.28 12:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش تىپىك مەسىلىسىدىن سەككىزنى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  خېبېي ئۆلكىلىك سۇچىلىق نازارىتى كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئۆلكىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش 9-گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى گاۋكۇي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىشنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لياڭ لىجۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا زىياپەت بېرىشنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  شاڭخەي شەھىرى سۇڭجياڭ رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۇ رۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى شۈ مىڭفانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ جىلياڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىزىنىڭ توي زىياپىتىنى بېرىش ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  سىچۈەن ئۆلكىسى لۇجۇ شەھىرى ناشى رايونى دوڭشېڭ كوچا باشقارمىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى ۋاڭ يۈەنبىننىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەش مەسىلىسى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ماتېرىيال مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى ساۋ جىگاڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەربىيەلەش مەزگىلىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى.

  جۇڭگو تۆمۈر يول شىئەن ئىدارىسى گۇرۇھى يەنلياڭ ئۇچاستكىسىنىڭ سابىق باشلىقى دۇ يۇڭشېڭنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەش مەسىلىسى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرىدا ئېيتىلغان سەككىز مەسىلىسىنىڭ ئالتىسى 2017-يىلى يۈز بەرگەن ياكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى 2017-يىلىغىچە داۋاملاشقان مەسىلىلەر، بۇ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىر ۋە مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئېلان قىلدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا «تۆت خاھىش»نى يەنىمۇ تۈزىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى توختاتماسلىق، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆزىدىن باشلاپ، يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، «مىخ مىخلاش روھى» بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىشتەك كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر