باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تېزلىتىلدى

ئامما ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرمايدىغان بولدى

2017.12.29 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باشقىلار ھەمراھ بولۇشنىڭ، ئۆچرەتتە تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق بولدى. شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىكى بىرىنچى سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدە، 75 ياشلىق بوۋاي جاڭ ئەنيۈ پەقەت 40 مىنۇتتىلا 13 خىل ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرىنى تاماملىدى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا. شىنجاڭدىكى باشقا جايلارغا ئوخشاش، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرىمۇ بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل تەكشۈرتۈش تېخىمۇ قولايلىشىپ، ئۆچىرەتتە تۇرۇشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.

  ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەم خەلققە نەپ يەتكۈزدى، ھەم خەلققە قولايلىق ياراتتى. بۇ يىل 3-ئايدا، قەشقەر شەھىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تەكشۈرۈش-كىرگۈزۈشنى ماس قەدەملەشتۈرۈشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى. ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۇچۇرلىرى ھەر ۋاقىت ئاپتوماتىك ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى سۇپىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئادەم كۈچى بىلەن 2-قېتىم كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر بويىچە 15 ئاساسىي قاتلام داۋالاش- سەھىيە ئاپپاراتى ۋە ئىككى سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى تەسىس قىلىنىپ، سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغان ئامما مۇۋاپىق تارقاقلاشتۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق بىر قىسىم رايونلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ چىققان ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدا يەنە «ئىداراكلىق داۋالاش» خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر شىنجاڭدىكى 10 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان. ھەر مىللەت ئاھالىلىرى سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، بارلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاپ تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بۇ سۇپىغا چىقسىلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۈرلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش سانلىق مەلۇماتىنى كۆرەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر