باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن سايلام كومىتېتىغا ھۆججەت تاپشۇرۇپ، روسىيە زۇڭتۇڭىلىقىنىڭ 2018- يىللىق سايلىمىنىڭ رەسمىي نامزاتى بولدى

2017.12.28 12:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 27- چېسلا مەركىزىي سايلام كومىتېتىغا 2018- يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىنىڭ نامزاتلىق تىزىملىكىگە كېرەكلىك ھۆججەتنى تاپشۇردى.

  شۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى قوللىغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان بىر تەشەببۇسكارلار گۇرۇپپىسى رەسمىي يىغىن ئېچىپ، پۇتىننىڭ بىر مۇستەقىل نامزات سالاھىيىتى بىلەن كېلەر يىللىق زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىشىنى بىردەك تەۋسىيە قىلىشنى قارار قىلدى. پۇتىننىڭ بۇ تەشەببۇسكارلار گۇرۇپپىسىدا 668 نەپەر ۋەكىل بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى رۇسىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسى، پۈتكۈل رۇسىيە خەلقى سېپى ۋە غەلىبە پىدائىيلىرى قاتارلىق سىياسىي پارتىيە ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن كەلگەنلەر.

  رۇسىيەنىڭ سايلام قانۇنىدا بەلگىلىنىشىچە، زۇڭتۇڭلۇق نامزاتى بولغان كىشى سىياسىي پارتىيە تەرىپىدىن نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىش ۋە ئۆزىنى-ئۆزى تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سايلامغا قاتنىشىدۇ. سىياسىي پارتىيە ئۆز قۇرۇلتىيىدا ئۆزىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما، مۇستەقىل نامزات كەم دېگەندە 500 كىشىلىك بىر تەشەببۇسكارلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، 300 مىڭ قوللىغۇچىنىڭ ئىمزالىرىنى توپلىشى كېرەك.

  رۇسىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق سايلىمى كېلەر يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇڭا، سايلامغا تەييارلىق قىلىش پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى باشلاندى. ئەمدى نامزات بولغان كىشى كېيىنكى 90 كۈن ئىچىدە سايلام ھەيئىتىگە نامزاتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى، ھەمدە سايلىغۇچىلارنىڭ ئىمزالىرىنى توپلىشى، ئۇلارنىڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشىدىكى كەلگۈسى پروگراممىلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، تاراتقۇلار ئارقىلىق قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشى دېگەندەك بىر قاتار قانۇنىي رەسمىيەت ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئالاقىدار تەرتىپلىرىنى تاماملىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر