باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «مۇھىت ئاسراش بېجى كىرىمىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.28 12:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «مۇھىت ئاسراش بېجى كىرىمىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، مۇھىت ئاسراش بېجىنى يەرلىك كىرىم قىلىپ بېكىتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى» 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. مەزكۇر قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز رايونىدا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغىمىنى مۇھىتقا بىۋاسىتە قويۇپ بېرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرىدىغان باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچىلەر قانۇن بويىچە مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك. جايلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مۇھىت ئاسراش بېجىنى يەرلىكنىڭ كىرىمى قىلىشنى قارار قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر