باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ رەھبەرلىك-قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى

2017.12.28 12:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ رەھبەرلىك-قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلدى، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، قوراللىق ساقچى قىسىمغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت-قوراللىق ساقچى قىسىم-قىسىم رەھبەرلىك-قوماندانلىق تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

  «قارار»دا قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىشتاتىغا تەۋە بولىدىغانلىقى، گوۋۇيۈەن تەرتىپىدە بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىغا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بەلگىلىگەن ئىشتات مۇناسىۋىتى بويىچە تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىنىدۇ. مەركەز ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلىرى بىلەن مۇناسىپ ۋەزىپە، ئېھتىياج ۋە خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.

  «قارار»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال ماسلىشىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ھەقىقىي ئىشلەپ، قوراللىق ساقچى قىسىم رەھبەرلىك-قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنىڭ تەرتىپلىك ئۆزگەرتىلىشىگە، مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر