باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2017.12.28 12:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا يېڭىدىن تۈزىتىلگەن دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى، كۆك تاماكا بېجى قانۇنى، كېمە-پاراخوت توننا بېجى قانۇنى؛ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قانۇنى، ئۆلچەم قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 83-، 84-، 85-، 86-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 158 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.يىغىندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ئاۋازغا قويۇلۇپ قارار قىلىندى.يىغىندا « ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ گۇاڭجۇ-شېنجېن-شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ جيۇلۇڭ ۋوگزالىدا پورت تەسىس قىلىپ <بىر جايدا ئىككى تەكشۈرۈش>نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار، گوۋۇيۈەننىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 232 ناھىيە(شەھەر، رايون)، تيەنجىن شەھىرىنىڭ جىجۇ رايونى قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 59 ناھىيە(شەھەر، رايون)نىڭ مەمۇرىي رايونلىرىدا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ۋاقىتلىق تەڭشەش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر