خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27- چېسلا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرپ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى بىر-بىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشتى. بۇ، ئىككى تەرەپ ئارا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈشۈپ بېرىشتىكى بىر ئەڭ زور كۆلەملىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى 238 نەپەر ئەسىر ئارقىلىق 74 ئادىمىنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالدى. ئەسىرلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈشۈپ بېرىشتىكى بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئەسلىدە 11- ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى (ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە) بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسكتا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك سۆھبەتتە ھاسىل قىلىنغان ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى