خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئىسلاندىيە رېيكياۋىك شەھىرىدە، جۇڭگونىڭ ئىسلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئىسلاندىيە دۆلەت قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ خادىملىرى بىلەن پاراڭلاشماقتا.
جۇڭگونىڭ ئىسلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 40تىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى توشۇپ ماڭغان بىر چوڭ ئاپتوبوس 27- چېسلا ئىسلاندىيىنىڭ جەنۇبى قىسىمىدا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققان. نۆۋەتتە، ئۇ ۋەقەدە بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغانىقى مەلۇم بولماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى