خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئۇچاستكىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر 30 چاقىرىملىق شامال رايونىدىكى ئېغىر قار-شىۋىرغانلىق بۆلەكلەردە ئادەم كۈچى ئارقىلىق زەربىدارلىق بىلەن قار تازلىماقتا.
12-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ 28-چېسلا سەھەرگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ۋادىسى، تارباغاتاينىڭ شىمالى ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلاردا قېلىن قار ياغدى. شۇ جايدىكى قاتناش، ئېلېكتىر، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تارماقلار دەل ۋاقتىدا تەييارلىق لايىھەسىنى يولغا قويۇپ تەدبىر قوللىنىپ، ناچار ھاۋارايىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تۆۋەنلەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى