خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) پەيزاۋات ناھىيەسىدە دېھقان-چارۋىچىلارغا 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەرەققىياتنى سۆزلەش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش دېھقانلار ئېتوت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 12-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان بولۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 13 يېزا-بازاردىن 14 ئېتوت قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن سەككىز ئېتوت ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللىنىپ، دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى.
ئەل ئىچى سەنئەتكارلارنىڭ ئەتراپىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەت-فاڭجىنلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ يازغان «19-قۇرۇلتاي روھىنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»، «ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا»، «دۆلەت تىلىنى بىرلىكتە ئۆگىنەيلى»، «تىرىشىپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىش»... قاتارلىق ئېتوتلار خەلقنىڭ قەلب تارىسىنى چىكىپ، 19-قۇرۇلتاي روھىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىش ئارزۇسى تېخىمۇ ئاشتى.
پەيزاۋات ناھىيەسى شاپتۇل بازىرى جايئېرىق كەنتىدىن پاتىگۈل راھمان مۇنداق دېدى: مەن بىر ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى، بۇ قېتىمقى ئېتوت مۇسابىقىسىگە ئۆزۈم يازغان «دۆلەت تىلىنى بىللە ئۆگىنەيلى» دېگەن ئېتوتنى قاتناشتۇردۇم. ھازىر كەنت كەچلىك كۇرسلىرىدا مەھەللىمىزدىكى ياشلار دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەنمۇ بۇ كۇرستىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىچىك ۋاقتىمدا دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگەنمەي قىلغان پۇشايمانلىرىمنى ھەم ھازىرقى كەچلىك كۇرستىن ئالغان ئۈنۈملىرىمنى ئېتوت قىلىپ يېزىپ، بازىرىمىزدىكى 22 كەنتتە 19-قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلاپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتۇق. بۇ قېتىمقى دېھقانلار ئېتوت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۇق، ئېتوت مۇسابىقىسىگە ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىن ناھايىتى سەر خىل ئېتوتلارنى قاتناشتۇرۇپتۇ، قۇرۇلتاي روھىنى مانا مۇشۇنداق ئەدەبىيات-سەنئەت شەكىللىرى بىلەن خەلققە يەتكۈزسەك تەسىر قىلىش كۈچى كۈچلۈك، ئۇنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى