باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالمىشىشى سەۋەبىدىن توختامغا خىلاپلىق قىلىشقا ۋە توختامنى بۇزۇشقا بولمايدۇ

2018.01.03 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېسىپ تارقاتقان «سوت قىلىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى ياخشى مۇھىتنى يارىتىپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ قانۇن بويىچە باراۋەر ھالدا قوغدىلىشى، ھەمدە كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن قانۇن ئىدارە قىلىشتىكى ياخشى مۇھىتنى يارىتىپ بېرىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كارخانىچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ۋە ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى قاتتىق يۈرگۈزۈش، جىنايى ئىشلارغا ياتىدىغان ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي ماجىراغا ئارىلىشىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر كارخانىچىلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيەتلىرىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلمىسىلا، ئۇلارنىڭ ئۇ خىل ھەرىكىتىنى جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق كېرەك. قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى ۋە توختام ئالدامچىلىقى جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم شەرتنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ، قانۇننى تەتبىقلاشنى خالىغانچە كېڭەيتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. توختام تۈزۈش ۋە ئۇنى ئادا قىلىش جەريانىدا ھەق تەلەپ تالاش-تارتىشى پەيدا بولسا، جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىسپاتلاشقا ماس كېلىدىغان ئىشەنچلىك ۋە تولۇق بولغان دەلىل-ئىسپاتلار بولمىسا، ئۇنداق دېلولارنى جىنايى ئىشلار دېلولىرى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ. كارخانىچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بىلەن قانۇنلۇق مال-مۈلۈكلىرىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈش كېرەك، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى دەپ ئىسپاتلاشقا تولۇق دەلىل-ئىسپاتلار بولمىسا، ئۇلارنىڭ تاپاۋەتلىرىنى تاپشۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىش ياكى پۇلنى تۆلەشكە بۇيرۇشقا بولمايدۇ. كارخانىچىلارنىڭ شەخسىي مال-مۈلكى بىلەن كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ مۈلۈكلىرىنى قاتتىق پەرقلەندۈرۈش كېرەك، كارخانا جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، كارخانىچىلارنىڭ شەخسىي قانۇنلۇق مال-مۈلۈكىنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە چېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر