باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا يازغان جاۋاب خېتىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

2018.01.03 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ياشلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كاتتا ئىشلارنى قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ، ئۆگەنگەن ماھارىتىنى ۋەتەنگە، خەلققە بېغىشلاپ، ياشلىق باھارىنى ئارزۇغا يېتىش يولىدا جۇلالاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ئۇلار مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، ياشلىق باھارىمىزنى قەدىرلەپ، تېپىلغۇسىز دەۋر پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، چەت ئەلدە ئوقۇش ئارزۇسىنى جۇڭگو ئارزۇسىغا باغلاپ، ۋەتەننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشنى ئۆمۈرلۈك كۈرەش نىشانىمىز قىلىمىز.

  «<مەن جۇڭگودىن كەلدىم> دېگەندە چەكسىز ئىپتىخارلىققا تولىمەن»

  تايلاند دۆلەت تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى جاۋ جىڭنەن تايلاند-جۇڭگو چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالىملار بىرلەشمىسى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇپ ئىنتايىن ئىلھاملاندىم. جاۋاب خەت 2017-يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا مەن دەل چەت ئەلدىكى ئوقۇش تۇرمۇشۇمنى ئەسلەپ، يېڭى بىر يىللىق ئۆگىنىشنى پىلانلاۋاتقانىدىم، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى يېڭى يىللىق سوۋغا. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بارلىق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر رىغبەتلەندۈرۈپ، ياش بىر ئەۋلادلارغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى روياپقا چىقىرىشتىكى زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  رۇسىيە دۆلەتلىك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياڭ گۇاڭيۈ ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيەگە كەلگىلى 10 يىل بولدى، بۇ جەرياندا ھەر قېتىم قىيىنچىلىق ۋە خەتەرگە يولۇقساق جۇڭگو ئەلچىخانىسى كۆپچىلىكنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. يات ئەلدە ۋەتەن ئىزچىل بىزنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىمىز بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر