باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تېببىي دورىگەرلىك سانائىتى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى

2018.01.02 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ تېببىي دورىگەرلىك سانائىتى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى (شىنجاڭ مىللىي تېبابەت دورىلىرى سانائىتى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى) ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى شىمالى سانائەت رايونىدا رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ سۇپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭ تېببىي دورىگەرلىكى ئۇچۇرلاشقان سۇپىسىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي دورىگەرلىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بىر تور سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدە كەسپىي تور بېكىتى بولماسلىقتەك بوشلۇق تولدۇرۇلدى.

  بۇ سۇپا ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىلىرى تەتقىقات ئورنى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا سانائىتى جەمئىيىتى، تەڭرىتاغ رايونلۇق يېڭى تېبابەت دورىلىرى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك «چيەن ساۋخۈي» بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەسئۇللىقىدا تىجارەت يۈرگۈزىدۇ. بۇ سۇپا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېببىي دورىگەرلىك كەسپىگە مۇلازىمەت قىلىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېببىي دورىگەرلىك ساھەسىگە ئالاقىدار پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار قاتارلىق بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي دورا سانائىتى كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلات سانلىق ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، توردا ۋە توردىن سىرتقى باغلىنىش ۋە مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، دورا ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار كارخانىلار ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنى كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر