- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي بانكا 2018-يىلىدىن باشلاپ چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خېرىدار چىقىم ئېھتىيات فوندى يىغىپ تاپشۇرۇش نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن %50كە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
2018.01.02 16:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، 2018-يىلىدىن باشلاپ چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خېرىدار چىقىم ئېھتىيات فوندىنى يىغىپ تاپشۇرۇش نىسبىتى ھازىرقى تەخمىنەن %20تىن %50 ئۆپچۆرىسىگە ئۆستۈرۈلىدىكەن.
مەركىزىي بانكا ئاشكارا بازار كەسپى مەشغۇلات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خېرىدار چىقىم ئېھتىيات فوندىنى يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە خەۋپىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، 2017-قۇرۇلغاندىن بۇيان يولغا قويۇلۇش ئوڭۇشلۇق بولدى، بازاردىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەركەزلىك تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشكە قارىتا كۆزلىمىسى بار. بۇ قېتىمقى تەڭشەش چاغاندىن بۇرۇن نەق پۇل تارقىتىش قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىنى تولۇق نەزەردە تۇتۇپ، تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش جەريانىغا قارىتا باسقۇچقا بۆلۈپ پۇختا ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ مەسئۇلنىڭ دېيىشىچە، 2018- يىلى 1-ئايدا يەنىلا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان %20 ئەتراپىدا بولغان مەركەزلىك تاپشۇرۇش نىسبىتى ئىجرا قىلىنىدىكەن، فېۋرالدىن ئاپرېلغىچە ھەر ئايدا %10 بويىچە ئايمۇئاي ئاشۇرۇلۇپ، 2018-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە ئاندىن مەركەزلىك تاپشۇرۇش نىسبىتى %50 ئەتراپىغا تەڭشىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركىزىي بانكا يەنە كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن جانلىق، ئاشكارا بازار مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرۇپ، قوش تەسىر كۆرسىتىپ، بانكا سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق، تۇراقلىقىنى ساقلايدىكەن.
خېرىدار چىقىم ئېھتىيات فوندى دېگىنىمىز بولسا، خېرىدارلار ئالدىن ساقلىغان ياكى چىقىم قىلىش ئاپپاراتىدا قالدۇرۇلغان پۇل مەبلىغى، شۇنىڭدەك چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇئامىلىدارلارغا ۋاكالىتەن كىرىم ياكى چىقىم قىلغان پۇل مەبلىغىنى كۆرسىتىدۇ. چىقىم خىيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇئامىلىدارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، پۇل تۆلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ خېرىدار چىقىم ئېھتىيات پۇلىنى ئىختىيارىچە ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر