باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

19 ـ قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

2018.01.02 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ چاڭشېڭ 19ـ قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ 12- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى.

  خۇ چاڭشېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئايدىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كاۋاكچى ۋە ئەرقەر، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى قىلىچدار ئوغلى، ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى پىرىنچەك بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە مەخسۇس تېمىلارنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. تۈركىيە سىياسىي پارتىيەسىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرىگە ج ك پ 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا باشلىقلار سۆھبەت يىغىنىدىكى ئاساسىي مەقسەت سۆزىنىڭ روھىنى نۇقتىلىق ھالدا تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى.

  تۈركىيە تەرەپ ج ك پ 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە ئىجابىي باھا بەردى، ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە يۈكسەك دەرىجىدە قايىل بولۇپ ماختىدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى، شۇ ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر