باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتى مەملىكەتلىك پارتىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇر جامائەت سۈپىسىدا ماكانلاشقان تاراتقۇ ئورگانلار 147گە يەتتى

2017.12.29 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھىرىدە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 57 تاراتقۇ ئورگان خەلق گېزىتى مەملىكەتلىك پارتىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇر جامائەت سۈپىسىدا ماكانلىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ، كېلىشىم تۈزۈشتى ۋە ئىمزالاشتى. شۇنىڭ بىلەن، مەملىكەت بويىچە 147 تاراتقۇ ئورگان مەزكۇر سۇپىغا ماكانلاشقان بولدى. كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، 100دىن ئارتۇق تاراتقۇ زاتلىرى پارتىيە تاراتقۇلىرىنىڭ كەلگۈسى يۇغۇرما تەرەققىيات تەدبىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

  مەملىكەتلىك پارتىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇر جامائەت سۇپىسى بولسا، يىل بېشىدا خەلق گېزىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بىر جامائەت سۇپىسى بولۇپ، ئۇ، مەركىزىي ئاشخانا قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچلۇق نەتىجىلەر ۋە تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بىر جامائەت سۇپىسىدۇر. بۇ خىل سۇپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن مەقسەت پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە تاراتقۇلىرىغا يۈزلەنگەن تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدىكى بىر سۇپىنى قۇرۇپ چىقىش، يەنى، ئىختىساسلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، مەزمۇنلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئىشنىڭ يوللىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تېخنىكىلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلارغا مۇمكىن بولىدىغان ۋە پايدا ئېلىش ئەندىزىسىگە زىچ ماسلاشقان ھالدىكى بىر سۇپىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر