باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان 17 خىل ناچار ئادەت

2017.12.29 08:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ناچار قىلىقلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، تىراللىبۇس ئىچىدە ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان قىلمىشلارنى تىزىپ كۆرسەتتى

  ياپونىيەگە ساياھەتكە بارغان نۇرغۇن ئادەملەر تىراللىبۇسقا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنداقتا، سىز تىراللىبۇسقا ئولتۇرغاندا، سىزدىكى قايسى خىل قىلمىشلار يەرلىك كىشىلەرنى بىزار قىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ياپونىيە پۇقراۋى تۆمۈريول جەمئىيىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە 2017- يىللىق «تىراللىبۇس ئىچىدىكى ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان قىلىقلار تىزىملىكى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ شۇ تور بېكىتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ۋاگون ئىچىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش» ئۇدا توققۇز يىل كىشىلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ناچار قىلىقلار تىزىملىكىدىكى بىرىنچى قاتاردا تۇرۇپ كەلمەكتە.

  ياپونىيە پۇقراۋى تۆمۈريول جەمئىيىتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە 2419 نەپەر ئادەمنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، تىراللىبۇستا ئولتۇرغاندا كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان 17 خىل ناچار قىلىقلارنى تىزىپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تىزىملىكنىڭ 2- قاتارىدىن 5- قاتارىغىچە بولغان ئورۇندا تۇرغىنى تەرتىپ بويىچە ئېيتقاندا، مۇنداق ئىكەن: ئولتۇرۇش قىياپىتى ناچار بولغاچقا، ياندىكى ئورۇن ياكى بوش يەرنى ئىگەللىۋېلىش؛ نەرسە-كېرەكلەر ياكى يۈك-تاقلارنى يېنىدىكى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ بوش يەرنى ئىگەللىۋېلىش؛ كېتىۋېتىپ يان تېلېفون ئىشلىتىش؛ تىراللىبۇستىن ئاۋال باشقىلار چۈشۈۋېلىش ۋە ئاندىن ئۆزى چىقىشتەك قائىدە-تەرتىپكە رىئايە قىلماي، ئىشىك ئالدىنى توسۇۋېلىش. ئۇندىن باشقا، مۇزىكا تىڭشىغۇچنىڭ ئاۋازىنى سىرتقا قويۇۋېتىش، يانفوننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئۈنلۈك قىلىۋېتىش، ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلاش، ئاپتوموبىل ئىچىدە تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىلغا چىقىش قاتارلىق قىلمىشلارمۇ ئادەمنى ئاسانلا بىزار قىلىدىغان ئىللەتلەر ئىكەن.

  ياپونىيە پۇقراۋى تۆمۈريول جەمئىيىتى 2000- يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل تىزىملىكنى ئۇدا ئېلان قىلىپ كەلگەن. مەزكۇر جەمئىيەت ئۆز تور بېكىتىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «تىراللىبۇس ئىچىدە ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان قىلىقلار تىزىملىكى»نى باھالاپ چىقىپ ئېلان قىلىشنىڭ مەقسىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ بولسىمۇ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى تېخىمۇ ئازادە مۇھىتتىن بەھرىمەن قىلىش، ھەمدە بۇ خىل تىزىملىك ئارقىلىق قانداق قىلىپ باشقىلارنى پاراكەندە قىلماسلىقنى بىلدۈرۈشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر