خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگوغا جۇڭگو-ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 7-يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى توشىخىرو نىكاي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىنوۋ يوشىكۇ ۋە ئۇلار باشلاپ كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو-ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمىنىڭ ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئوينىغان رولىغا ئىجابىي باھا بەردى، ئىككى باش ئىش بېجىرگۈچىنىڭ جۇڭگو-ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاقتىن بۇيان بوشاشماي كۈچ چىقارغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە ئەلئارا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مەدھىيەلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ، تەرەققىي قىلىشىدا باشلامچىلىق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو-ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 7-يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ياپونىيەنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى