باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 5590ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2017.12.29 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 11-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر مەسىلىدىن 5590ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 7777 كىشى جازالانغان، 5451 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 139 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 98 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.

  11-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 5590 مەسىلە ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسىدىن 1499ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قېلىش-بېرىش مەسىلىسىدىن 1157ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن 845ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 657ى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 631ى، نورمىدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھلارغا بېرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش مەسىلىسىدىن 359ى، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسىدىن 286ى، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەر قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىدىن 156سى بار. 11-ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ پارتىيە-مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 35ى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 504ى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر