خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا ۋەتەنگە قايتىپ 2017-يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمەت يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دىپلوماتىيە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەلچىلەردىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى دەۋر ئېقىمى ۋە خەلقئارا چوڭ ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
شى جىنپىڭ ئاۋۋال پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئەلچىلەر ھەم دىپلوماتىيە سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللىشى ئاستىدا، دىپلوماتىيە خىزمىتى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور تۆھپە قوشتى. بەش يىلدىن بۇيانقى دىپلوماتىيە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى