باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

2017.12.29 15:14   مەنبە: خەلق تورى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 29-دېكابىردىن باشلاپ شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان 285 پارچە گۈزەل سەنئەت ئەسىرى، 100 پارچە ھۆسنخەت ئەسىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، خەتتاتلار جەمئىيىتى شىنجاڭ بويىچە قوبۇل قىلغان 700 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئىچىدىن تاللاپ چىققان بولۇپ، ئاپتورلار ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق ئۇستىلىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىجتىھات بىلەن يېڭىلىق يارىتىۋاتقان بىر ئەۋلاد ياشلاردىنمۇ بار ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «سەمىمىي غەمخورلۇق»، 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى»، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «ئىجتىمائىي مۇقىملىق»، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كادىرلىرىنىڭ كەنتتە يىلتىز تارتىپ، ئامما بىلەن ئىچ قويۇن، تاشقويۇن بولۇپ، ساداقەتمەنلىك ئۇرۇقىنى كەڭ ۋادىلارغا چېچىۋاتقانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھۈرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوبۇل قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم قىلىش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» قاتارلىق بەش چوڭ تېمىغا بۆلۈنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى