باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئىككى مۇھىم قائىدە بېسىپ تارقاتتى

قانۇن چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.12.29 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ۋە قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، «قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش» مۇھىم ھالقىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى «قانۇن چىقىرىشتا چېتىلغان زور مەنپەئەت تەڭشەش بويىچە دەلىللەش، مەسلىھەت بېرىش توغرىسىدىكى خىزمەت قائىدىسى»، «تالاش-تارتىش چوڭراق بولغان مۇھىم قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىدە ئۈچىنچى تەرەپ باھالاشنى كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى خىزمەت قائىدىسى»دىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم خىزمەت قائىدىسىنى ئېلان قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ ئىككى خىزمەت قائىدىسىنى تۈزۈش ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكنىڭ كونكرېت ناماياندىسى، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېچىلغان 19-نۆۋەتلىك مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بۇ ئىككى خىزمەت قائىدىسى قانۇن چىقىرىشتا لايىھە تەييارلاش، دەلىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە قاراپ چىقىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك يول بىلەن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر بىر تۈرلۈك قانۇن چىقىرىشنى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر