ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، بىز ھەش-پەش دېگۈچە 2018-يىلىنى كۈتۈۋالدۇق. 2017 يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى كەچ سائەت 7 دە، رەئىس شى جىنپىڭ ئادەت بويىچە، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، يەنى جۇڭگو يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى ۋە ئىنتېرنېتتا 2018-يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى.
نەچچە مىنۇتلۇق تەبرىك سۆزىدە، نەتىجىلەر تىلغا ئېلىندى، ئارزۇ ئارمانلار سۆزلەندى، دىققەت ئۆزىمىزگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، دۇنياغا نەزەر تاشلاندى، تەبرىك سۆزىدە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى تەكىتلەندى، خەلقنى كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى نامايەن قىلىندى.
كونا يىلنىڭ ئورنىغا يېڭى ئالماشقان پەيتتە، ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئۈچۈن ھەسرەت چېكىمىز. زىمىستان قىشنىڭ قار قىرولىرى زېمىننى قاپلىغاندا، بىز بىردەملىك ئىسەنكىرەش ۋە ئەندىشىنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچراپ، يول بويى قەيسرانە كۈرەش قىلغانلىقىمىز ۋە نەتىجە ياراتقانلىقىمىزغا سەل قاراپ قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن.
«مىليونلىغان ئاددىي كىشلەر ئەڭ ئۇلۇغ»،«بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ»، بۇ سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرىغاندا، بۇ ئاۋاز بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، جۇڭگو نۇرغۇن بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئارىسالدا بولۇشىمىزغا، بوشاڭلىق قىلىشىمىزغا قەتئىي بولمايدۇ.
ئۆتكەن بەش يىلغا نەزەر سالساق، يېڭى باشلىنىش نۇقتىلىرىدا تۇرغاندا، بۇ ئاۋاز قەلبىمىزدىكى ئىسسىق قاننى ئۇرغۇتتى، بۇ ئىللىق ۋە كەسكىن سۆزلەر قەلبىمىزدىكى جاسارەتلىك كۈچنى ئۇيۇشتۇردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى