باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ باج ئىسلاھاتلىرى ھەميانىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك(دىققەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈلدى)

2018.01.02 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش بېجى: 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلار مۇھىتنى بۇلغاش بېجى تاپشۇرىدۇ

  2018-يىلى1- ئاينىڭ 1-كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى»رەسىمىي يولغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىز يېڭى باج تۈرى-مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدۇ، بۇلغىما(چىقىرىش) ھەققى ئېلىش تارىخقا ئايلىنىدۇ.

  قوشۇلما قىممەت بېجى: پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ يىلدىن باشلاپ باج تەننەرخنى ئويلىشىشى كېرەك

  بانكا، ھاۋالە شىركىتى، ئاشكارا فوندنى باشقۇرۇش شىركىتى ۋە ئۇنىڭ بالا شىركەتلىرى، ئاكسىيە شىركىتى ۋە ئۇنىڭ بالا شىركەتلىرى... مەبلەغ باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنى باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يىلدىن باشلاپ قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئويلىشىشى كېرەك

  2018- يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ، مەبلەغ باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنى باشقۇرغۇچىلار مەبلەغ باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش تىجارەت كەسپىدىن ئالغان پايدىسىدىن %3 لىك باج ئېلىش نىسبىتى بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدۇ.

  ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش بېجى: ئەسلىدىكى %10 ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش بېجى ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

  «7.5% ئاپتوموبىل بېجى ئېلىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرىدىغان يەنە xx كۈن قالدى »…. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرى، نۇرغۇن ئاپتوموبىل سېتىش سودىگەرلىرى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى سېتىش كوزىرى قىلىپ، خېرىدارلارنى بۇ پايدىلىق باج سىياسىتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئاپتوموبىل سېتىۋىلىشقا قىزىقتۇردى.

  2018- يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ 1.6 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن گاز چىقىرىش مىقدارىلىق ئاپتوموبىل سېتىۋالسا، 2017- يىلىدىكى %7.5 لىك باج نىسبىتى بويىچە ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش بېجى ئېلىشتىن قانۇندا بەلگىلەنگەن %10لىك باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  تاموژنا بېجى: قىسمەن ئېمپورت يىمەكلىكلىرى، ساغلاملىق بويۇملىرى، دورا قاتارلىقلاردىن ئىستېمال بېجى ئېلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ

  2017- يىلى12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ئېمپورت بېجى تۆۋەنلىتىلىپ، ئوتتۇرىچەا باج نىسبىتى %17.3 تىن %7.7 تۆۋەنلىتىلدى. بۇ يىمەكلىك، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، دورا مەھسۇلاتلىرى، كۈندىلىك بويۇملار، كىيىم- كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر قاتارلىق تۈرلۈك ئىستېمال بويۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، 187 خىل8 خانىلىق باج نومۇرىلىق تاۋارلىرىغا چېتىلدى.

  2018-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ پولات ماتېرىيالىرى، خىلورت قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئىكىسپورت بېجى ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ھەم ئۈچ ئېلېمىنتلىق بىرىكمە ئوغۇت، ئاپاتىت، كۆمۈر يېغى، ياغاچ پارچىسى، كېرىمنىي خروملۇق تۆمۈر، پىلتە پولات قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئىكىسپورت بېجى ئېلىش مۇۋاپىق دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ…

  سۇ بايلىقى بېجى:باج ئېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە يېڭىدىن بېيجىڭ قاتارلىق توققۇز جاي قوشۇلدى

  2017-يىلى12-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، سەنشى، ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونى، خېنەن، شەندۇڭ، سىچۈەن، نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، شەنشى قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردە سۇ بايلىقى بېجى ئېلىنىدۇ، بۇ 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ خېبېي ئۆلكىسى ئالدى بىلەن سىناق نۇقتىسى قىلىنغاندىن كىيىن،بۇ دۆلىتىمىزنىڭ سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىدا ئېلىنغان يەنە بىر ھالقىلىق قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

  يەرلىك باج : باج قانۇنى تۈزۈمى رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېزلىتىلىدۇ

  2017- يىلى12-ئاينىڭ27- كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31-قېتىملىق يىغىنىدا كۆك تاماكا بېجى قانۇنى بىلەن كېمە- پاراخوت تونناژ بېجى قانۇنىنى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاندى، 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ۋاقىتلىق نىزامدىن قانۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بۇ ئىككى باج قانۇنى دۆلىتىمىزنىڭ باجنى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پۇختا قەدەم ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا 2018- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ باجنى قانۇندا بەلگىلەش جەريانىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر