باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىلى سىياسەتلەر ئەمەلىيلىشىپ خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى

2018.01.02 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىلى نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى نەتىجىگە ئېرىشتى، دۆلەت كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى، بىر تۈركۈم خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى جايىدا ئەمەلىيلەشتى، كۆپچىلىكنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى.

  بۇ بىر قانچە كۈندە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشىن شەھەرلىك ياشانغانلارنى پەرۋىش قىلىش ئورنىدىكى پەرۋىشكارلار ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولدى، بۇ يىل ئۇلار كەسپىي داۋالاش ئۈسكۈنىسى سەپلەپ، داۋالاش ئورگىنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى، ھازىر فۇشىندىكى 102 كۈتۈنۈش ئورنى داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرىكتۈردى.

  2017-يىلى، خەلق تۇرمۇشىدىكى كامكۇسىلارنى تولۇقلاش جەھەتتە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خامچوتنى تولۇق قىلدى. ئالدىنقى 11 ئايدا، مائارىپ چىقىمى 2 تىرىليون 662 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %8.1 ئاشتى؛ داۋالاش، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت چىقىمى 1 تىرىليون 332 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %9.5 ئاشتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى 2 تىرىليون 275 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %15.7 ئاشتى.

  2017-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۇدا 13-يىلى ئاشتى، پېنسىيەگە چىققان 100 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن تەخمىنەن %5.5 ئۆستۈردى. 14 ئۆلكە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۆلچىمىنى ئاشۇردى.

  «ئۆينى ھايانكەشلىك قىلىش بولماستىن تۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىش كېرەك». 2017-يىلى دۆلەتنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىلدى، «ئۆي ئىجارىگە ئالغانلار ۋە سېتىۋالغانلار تەڭ ھوقۇقلۇق»، «ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقلۇق ئۆيلەر» سىنىقى نۇرغۇن جايلاردا يولغا قويۇلدى.

  2017-يىلى كىشىلەرنىڭ سەپىرى تېخىمۇ راۋانلاشتى. 6-ئايدا بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەر ئارا پويىز لىنىيەسىدە «ئاممىۋى قاتناش» شەكلىدىكى بېلەت باھاسى يولغا قويۇلدى، 7-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللاردا ئىنتېرنېتتا تاماق زاكاز قىلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى، 12-ئايدىن باشلاپ، ساياھەتچىلەر پويىز بېلىتى سېتىۋالسا جۇغلانما نومۇرغا بېلەت تېگىشسە بولىدىغان بولدى.

  شەھەرلەردە يەر ئاستى پويىزى، توردا چاقىرىدىغان ماشىنا، ئوپچە ۋېلىسىپىتنى خالىغانچە تاللايسىز، نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى 32 شەھەر رېلىسلىق قاتناشنى ئىشقا كىرىشتۈردى، ئومۇمىي مۇساپىسى 4000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، يېزىلاردا كەنت يوللىرى ئاسفالتلاشتۇرۇلدى، نۇرغۇن ئائىلىلەر ماشىنا سېتىۋالدى، بۇ يىل ئېلىمىز يېڭىدىن ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغان يېزا تاشيولىنىڭ مۇساپىسى 285 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى.

  2017-يىلى، تەستىقلاش تۈرلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلدى، ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ھەقلەر بىكار قىلىندى. يانفوننىڭ كەزمە ھەققى بىكار قىلىندى، باشقا يۇرتتا كىملىك بېجىرىشكە بولىدىغان بولدى.

  چىقىم ئازلىدى، كىرىم ئاشتى. 2017-يىلى، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 19 مىڭ 342 يۈەنگە يەتتى، ھەقىقىي ئېشىش سۈرئىتى %7.5 بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 1.2 پوئىنت يۇقىرى بولدى.

  2017-يىلى سىياسەتلەر ئەمەلىيلىشىپ خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى. 2018-يىلى كىشىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر