باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

C رونالدو يەنە بىر قېتىم «يەر شارى پۇتبولى» مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى توپچىسى بولۇپ سايلاندى

ئۇ «مۇكاپات لوڭقىسى قويىدىغان يەنە نۇرغۇن جايلىرىم بار» دېدى

2018.01.02 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خان مادرىد پۇتبول چولپىنى C رونالدو 28-دېكابىر ئۇدا ئىككىنچى يىلى «يەر شارى پۇتبولى» مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى توپچىسى بولۇپ سايلاندى، بۇ ھەم ئۇنىڭ 4-قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بولۇپ قالدى. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان سىندا چاقچاق قىلىپ: «مۇكاپات لوڭقىسى قويىدىغان يەنە نۇرغۇن جايلىرىم بار» دېدى.

  يەر شارى پۇتبول مۇكاپاتىنى ياۋروپا پۇتبول ۋاسىتىچىلار جەمئىيىتى ۋە ياۋروپا كۇلۇبلار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ باھالايدىغان بولۇپ، C رونالدو بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2011-يىلى، 2014-يىلى ۋە 2016-يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

  2017-يىلى نۇرغۇنلىغان شەخسىي ۋە كوللېكتىپ شان-شەرەپلەرنى ئالغان C رونالدو كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئەنسىرىمەڭلار، مۇكاپات لوڭقىسى قويىدىغان يەنە نۇرغۇن جايلىرىم بار. بۇ يىل ئاجايىپ بىر يىل بولدى، كوماندا ۋە مەن نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى قولغا كەلتۈردۇق، مەن سەپداشلىرىمغا، تىرېنېرىم ۋە خان مادرىد كۇلۇبىغا رەھمەت ئېيتىمەن»، دېدى.

  باشقا مۇكاپات تۈرلىرىدە، خان مادرىد يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر كۇلۇب دېگەن نامغا ئېرىشتى، زىدانى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرېنېر بولدى، ھازىر جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولغان لىپپى تىرېنېرلىق ھاياتى نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، توتتى ۋە پۇيول توپچىلىق كەسپىي ھاياتى نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر