باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىراندا بىر قىسىم ئالاقە تورلىرىغا چىقىش چەكلەندى

زوراۋانلىققا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقىتىش توسۇلدى

2018.01.02 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  زوراۋانلىققا يول قويۇلمايدۇ

  روھانى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىچكى كابېنت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: « شۈبھىسىزكى، خەلقنىڭ تەنقىد قىلىش، ھەتتا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئەركىنلىكى بار، بىراق، تەنقىد قىلىش بىلەن زوراۋانلىق قىلىش ۋە جامائەت مۈلكىنى بۇزۇش ئوخشىمايدۇ.»

  ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ھۆكۈمەت چوقۇم جامائەت مۈلكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاراپ تۇرمايدۇ.»

  ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روھانى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن پۇقرالارغا قانۇنلۇق بولغان تەنقىد قىلىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش بوشلۇقىنى بېرىشى لازىملىقىنى، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق ۋە تەكشى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

  قۇتراتقۇلۇق قىلدىغان تورلار تاقىۋىتىلدى

  فازلى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت «تورنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە زوراۋانلىق ئۇچۇرىنى تارقىتىش»تەك قىلمىشلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بېرىدۇ.

  ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى Telegram ۋە سۈرەت ھەمبەھىرلەش يۇمشاق دېتالى Instagram نى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە چەكلەيدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

  Telegram نىڭ ئىراندا 40 مىليون ئابونتى بار بولۇپ، ئىران ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ ئالاقە تورى يۇمشاق دېتالىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى پاۋىل دۇروف شۇ كۈنى شۇ جايدىكى بارلىق يۇمشاق دېتالغا چىقىش مۇلازىمىتىنىڭ ئىران قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

  ئامېرىكا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلدى

  بۇ قېتىملىق نامايىش ئەڭ بېشىدا 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىراننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مەشھەدتە يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن شەھەرلەرگە تارقالغان. نامايىش قىلغۇچىلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە چىرىكلىككە ئېتىراز بىلدۈرگەن، ئارقىدىن ھۆكۈمەتكە ئېتىراز بىلدۈپ، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. بىر قىسىم نامايىش قىلغۇچىلار ھەتتا شوئار توۋلاپ، 1979-يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان ئىران پادىشاھىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئىراندا نۆۋەتتە پۇل پاخاللىق نىسبىتى ئىككى خانلىق سانغا يەتتى، ئىشسىزلىق نىسبىتى %12تىن ئاشتى. ياشلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلار ھەممىدىن كۆپ.

  بۇنىڭغا قارىتا، ئىران ھۆكۈمىتى يېقىلغۇ ماي باھاسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدىغانلىقى بىلدۈردى ۋە نامراتلارنى تېخىمۇ كۆپ ياردەم بىلەن تەمىنلەش، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش توغرىسىدا ئۇلارغا ۋەدە بەردى. ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەت بەكىر نۇربەخت 12-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنداق دېدى: «يېڭى بىر يىلدا، ئاز بولغاندىمۇ 830 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىش مۆلچەرلەندى».

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئۇدا نەچچە كۈن ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا «نامايىش»نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۇ تىۋىتتېر تور بېكىتىدە ئىنكاس قالدۇرۇپ، ئىران خەلقىنىڭ يەنە سەۋىر قىلىشقا تاقىتى يوق ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش-ئۇچرىماسلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر