باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۆت شىركەت تويوتا ئېلېكتىرو ئاپتوموبىل يېڭى شىركىتىگە قوشۇلدى

2018.01.02 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سۈزۈكى، سىبا لۇ ۋە تويوتا گۇرۇھىنىڭ دايھاتسۇ سانائىتى ۋە خىنو ئاپتوموبىلى قاتارلىق تۆت شىركەت تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى تەرىپىدىن يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان ئېلېكتىرون ئاپتوموبىل تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان يېڭى شىركەتكە قوشۇلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ۋە تەتقىق قىلىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

  تويوتا شىركىتىگە ئىلگىرى قوشۇلغان مازدا شىركىتى ۋە ئېلېكتىرلىق جاھازالارنى قاچىلاش شىركىتى قاتارلىق يەتتە شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ يېڭى شىركەت كەلگۈسىدە بىر شىركەتلەر ئىتتىپاقىغا ئايلىنىدۇ. بۇ شىركەتلەر ئېلېكتىرو ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سۈزۈكى ۋە دايھاتسۇ شىركەتلىرى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەز قىلسا، سۇبارۇ شىركىتى ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەز قىلىدۇ، خىنو شىركىتى بولسا، سودا ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەز قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەر خىل تىپتىكى ئېلېكتىرو ئاپتوموبىللارغا ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش ئاساسىي تېخنىكىلار بەرپا قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر