باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قارائات ئىنستىتۇتى شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىغا ماكانلاشماقچى

2018.01.02 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) «قارائات ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى» بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ «قارائات ئىنستىتۇتى شەھەر تارماق ئورنى»نىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىغا ئورۇنلىشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ. «قارائات ئىنستىتۇتى» ھەر يىلى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى 50 ئەنئەنىۋى كارخانىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى يېڭى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ.

  «قارائات ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى» بولسا جۇڭگودىكى قوش يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ A پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت، دۆلەت پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭىچە ئىگىلىك تىكلەش مەركىزى، دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا، بېيجىڭ شەھىرى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى، جۇڭگۈەنسۈن دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يېڭىچە ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىدۇر. ئۇلار توققۇز يىلدىن بۇيان كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، پىشىپ يېتىلگەن مۇلازىمەت ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلغان، بازار قىممىتى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان نەچچە ئون «قىئات» كارخانىلىرىنى يېتەكلەپ يېتىشتۈرگەن.

  ھازىرغا قەدەر، «قارائات»نىڭ ئەزالىرى ئىچىدىكى يەتتە كارخانىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي تاختىدا ئىككىسى (جاڭيۆ پەن-تېخنىكىسى ۋە رۇڭتەي ساغلاملىقى)، ئىگىلىك تىكلەش تاختىسىدا ئىككىسى (تەيگې تېببىي دورىگەرلىكى ۋە قارائات ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى)، ئامېرىكا پاي بازىرىدا ئىككىسى (يىنكې پاي كونترول شىركىتى ۋە 51 talk)، كورېيەدە بىرسى (چۇكوڭ تارماق شىركىتى) بار . ئۇنىڭدىن باشقا 100دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ يېڭى 3-تاختىدا پېيى بازارغا سېلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر