باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زىمىستان قىشتىكى ئىللىقلىق

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت

2018.01.02 17:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل قىشتا جەنۇبىي شىنجاڭدا يىللاردىكىدىن بەكرەك سوغۇق بولدى. لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش <تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى>» پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا كەلگەن ھەر مىللەت كادىرلار دېھقان تۇغقانلىرىنىڭ قەلبىنى مېھىر- مۇھەببەتكە تويۇندۇرغاچقا، بۇ يىل قىش ئۇلارغا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئىللىق بىلىندى. 12- ئاينىڭ 22- كۈنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى بولغان «چىللە بايرىمى». بۇ كۈنى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئەشمە بازىرى تۆۋەن كۆكچى كەنتىدىكى دېھقانلار «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»گە كەلگەن قېرىنداشلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تۈگۈر تۈگۈپ، مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ، بۇ كۈننى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ھەم مەنىلىك ئۆتكۈزدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەشمە بازىرىنىڭ تۆۋەن كۆكچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى ۋاڭ خۇڭشىڭنىڭ كەنتتىكى ئاممىغا «چىللە بايرىمى»نى چۈشەندۈرۈپ، مەشرەپنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن تەڭ، ھەممەيلەن دۇتار، راۋاب، ساپايى، داپقا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلغان خەلق ناخشىسىغا بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى، شوخ ئۇسسۇل قەدەملىرى، بىر- بىرىگە بېقىشلىرىدىن ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. شۇ كۈنىدىكى مەشرەپتە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، دېھقانلارنىڭ سوئاللارغا تالىشىپ جاۋاب بېرىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن خېلى ئوبدان خەۋەردار بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىدىن بۇ كەنتكە تۇغقانلىشىشقا كەلگەن دوختۇرلار تۇغقانلىرى بىلەن ئەمگەكتە، يېتىپ- قوپۇشتا، تاماقتا، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى، پارتىيەنىڭ ساداسى، ئارزۇسىنىڭ خەلق ئاممىسىغا بەخت ئاتا قىلىش ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

  − تۇغقانلىرىمىز بىلەن بىر ھەپتە بىللە تۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇق، − دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىدىن «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»گە كەلگەن كېرەمجان ئابدۇرېشىت، − دېھقانلارنىڭ سالامەتلىك توغرىسىدىكى ئاڭ- سەۋىيەسى تۆۋەن ئىكەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ساغلام تەن ئەڭ مۇھىم. شۇڭا بىز ھەربىر ئائىلىگە كىرگەندە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزگەندىن سىرت، ساغلاملىق تەربىيەسى، بالىلارغا ۋاقتى- ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەش، بالىلارنى ساغلام بېقىپ قاتارغا قوشۇش، تازىلىق بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، يېزىلاردا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىشنىڭ، ئۇلارنىڭ ھاجەتخانا، يۇيۇنۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇق. ئىدىيە، كۆز قاراش جەھەتتە يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىگە تايىنىپ تىرىشىپ ئەمگەك قىلمىسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردۇق.

  − قوشماق تۇغقانلىرىم كېلىپ بىزگە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلدى، − دېدى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئەشمە بازىرى تۆۋەن كۆكچى كەنتىدىكى دېھقان ئېلى ئىمىن، − ئۇلار بىز بىلەن يېتىپ- قوپۇش، تاماقتا، ئىش- ئەمگەكتە بىللە بولغاندىن سىرت، ئانامنىڭ كېسىلىنى داۋالىدى، ئوغلۇمنىڭ ۋە مەھەللىدىكى يەتتە ياشقا توشقان بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ قويدى، بىز ئۇلارغا قىيمايۋاتىمىز، بىزگە مۇشۇنداق ياخشى تۇغقانلارنى تونۇشتۇرغان پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

  − «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»نىڭ يولغا قويۇلۇشى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بوپتۇ، − دېدى قەشقەر تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى يوپۇغا شۆبە ئىدارىسىدىن ئەشمە بازىرىنىڭ تۆۋەن كۆكچى كەنتىگە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»گە كەلگەن ئالىمجان ئابباس، − مەن بۇ بىر ھەپتىدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تۇغقانلىرىمغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر- يېنىك ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم، بالىلىرىغا دۆلەت ئورتاق تىلىنى تەكرار قىلدۇرۇپ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىتىپ، قانداق ئۆگەنگەندە ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتىم، بالىلارنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەشتە ئاتا- ئانىلارنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىلەن پەقەت ئۆزۈملا تۇغقان بولۇپ قالماي، ئائىلەمدىكىلەرنىمۇ تۇغقان قىلىپ، تۇغقانلىرىمىزنى ئۆيىمىزگە ئاپىرىپ، ئۆزئارا تۇرمۇش ئۆگىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى يۇقىرى بۆلىمە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارمۇ كەنت ئاھالە كومىتېتى زالىدا «چىللە بايرىمى»نى تەبرىكلەش كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ئىدارىسىدىن «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»گە كەلگەن كادىرلار ھەم ئۇلارنىڭ دېھقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈگۈر تۈگۈپ يەپ، ھەر خىل تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، دېھقان سەنئەتكارلار تەييارلىغان سەرخىل نومۇرلاردىن ھۇزۇر ئالغاچ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇلار پۇل يىغىشىپ، كەنتتىكى بۆرەك ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان يەتتە ياشلىق ئابدۇبىلال ئالىمغا ياردەم قولىنى سۇندى، كەنتنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىدىن ھال سورىدى، تۇغقانلىرىغا قىشلىق كىيىم- كېچەك سوۋغا قىلىپ، بۇ بايرامنى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»گە كەلگەن خۇاڭ پىڭچياۋ تۇغقىنى تۇرانىسا ئابدۇرېھىمنىڭ قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى، ئۇ نەچچە قېتىم تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەندە، ئۇنىڭ يېڭى قوتان سېلىۋېلىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانىدى. بۇ قېتىم ئۇ بىر ھەپتە تۇرۇش جەريانىدا قوتاننى پۈتتۈرۈپ بولالمىغان تۇرانىسا ئابدۇرېھىمغا ياردەملىشىپ، قوتاننىڭ چالىسىنى پۈتتۈرۈپ بەردى...

  «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا، كەنتلىرىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. ھەر مىللەت تۇغقانلار بىر ھەپتە بىللە ياشاش جەريانىدا ئۇلار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا يەنە بىر مۇھىم قەدەم بېسىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر