باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.01.02 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەخت تىلىدى، ئۇنىڭ كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان، ئاددىي-ساددا، چىن سۆزلىرى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرى نەندىڭ بازىرى كۇاڭجى مەھەللىسىدىن پارتىيە ئەزاسى گو ئەپەندى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە نۇرغۇن كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى قىلدى، بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، نۇرغۇن تەپسىلاتلاردىن بۇنى ھېس قىلىۋاتىمىز.

  زىبو شەھىرى لىنزى رايونى جىنشەن بازىرىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن بېيىش يولىنى تېپىپ كۈنلىرى يىلدىن يىلغا ياخشىلىنىۋاتقان، دەرەخ قەلەمچىسى تىكىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان دېھقان ۋاڭ كېچىڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئېيتقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى بىز ھەقىقىي ھېس قىلىۋاتىمىز. كېلەر يىلى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمەن، كۈنلىرىمىز ياخشىلانغانسېرى، دۆلىتىمىز شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

  فۇجيەن ئۆلكىسى غەربىي فۇجيەن كونا ئىنقىلابىي تاياناچ بازا رايونى لۇڭيەن شەھىرىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇ يەردىكى ئامما دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى شيې لياۋخې مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى ھاياجانلاندىم، كونا ئىنقىلابىي تاياناچ بازا رايونىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.

  جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى گۇاڭمىڭ مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە، ئاھالىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى، بۇ مەھەللىنىڭ ئاھالىسى شۈ مېيمېي مۇنداق دېدى: تەبرىك سۆزنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى يېقىشلىق بوپتۇ، كۆڭلىمىزنى ئىنتايىن ئىللىتتى، ئىشىنىمەنكى، 2018-يىلى پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى يەنىمۇ ئاشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر