باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018 ـ يىلى ئىستىمالچىلار توردا سېتىۋالغان ماللارنى تورسىز ۋە شەرتسىز قايتۇرۇشقا بولۇش تۈزۈمى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2018.01.02 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك سودا-سانائەت ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: 2018- يىلى مەملىكەتلىك سوداـ سانائەت ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە 12315 ئالاقە تورى سۇپىسىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ 15- مارتقىچە رەسمىي يولغا قويۇدىكەن. نازارەت قىلغۇچىلار نازارەت قىلىپ، تىجارەتچىلەر توردا ساتقان مالنى ئىستىمالچىلار يەتتە كۈنگىچە تورسىز ۋە شەرتسىز ھالدا قايتۇرىۋېتىشكە بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەرسە–كېرەكلەر سېتىلغاندىن كېيىنكى سەۋەبسىز تورسىز ۋە شەرتسىز ھالدا قايتۇرىۋېتىشكە بولۇش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. 2018 ـ يىلى سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش ئىسلاھاتى قاتارلىق خىزمەتلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر كۈچەپ چىڭ تۇتۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر