باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى رۇسىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئىناۋىتى ئۆستى

2018.01.02 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەھرىتان سوغۇقتىكى قار موسكۋا كېرىمىل سارىيى تېمىنىڭ سىرتىنى كۈمۈش رەڭگە كىرگۈزگەن ئىدى، رۇسىيە 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ يىل زۇڭتۇڭ پۇتىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى رۇسىيە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ ئىشلارنى قىلدى، خەلقئارا سەھنىدە يۈزى كۆتۈرۈلدى.

  بۇ يىل رۇسىيە غەربنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئىمپورت سەپلىمە سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالدى.

  بۇ يىل، رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بېسىمى ئالدىدا، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قىسمەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلىدى.

  سۇرىيە ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار دىپلوماتىيەسىدىكى «مول ھوسۇل»لۇق جاي ئىدى. رۇسىيە 2015-يىلى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىكى ئەسەسىي كۈچلەرگە ھەربىي زەربە بەردى، رۇسىيە قورال كۈچى بىلەن سۆھبەتتىن ئىبارەت «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلدى. يىل ئاخىرىدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ھەل قىلغۇچ غەلىبىدىن كېيىن، رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ سۇرىيەدىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيەنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان سۇرىيە ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ 67 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ئازاد قىلغان، ئەسەبىي تەشكىلات ئۇنسۇرلىرىدىن 32 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يوقاتقان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۇنيا مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رۇسىيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ۋەن چېڭسەي مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى سالاپەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنياغا رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئوبرازى ۋە دۆلەت ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، رۇسىيەنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

  ھەربىي زەربە بېرىشتىن باشقا، رۇسىيە سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە سىياسىي ياراشتۇرۇش ئېلىپ باردى. رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران باشلىقلىرى سوچى ئۇچرىشىشىدىن، پۇتىننىڭ مىسىر، سۇرىيە، تۈركىيەدە قۇيۇن شەكىللىك زىيارەتتە بولۇشىغىچە، رۇسىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئوڭشاپ، ھەربىي ئۈستۈنلۈكىنى سىياسىي تەسىر كۈچىگە ئايلاندۇردى.

  رۇسىيەنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دىپلوماتىيە خىزمىتىدىمۇ يارقىن نۇقتىلار ئاز ئەمەس. ۋەن چېڭسەي مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، رۇسىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى، مۇھىم قاتناشقۇچىسى ۋە مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى بولۇپ قالدى. ئۇندىن باشقا، رۇسىيەنىڭ ياپونىيە، كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ تەرەققىي قىلدى، يېرىم ئارال مەسىلىسىدە يەنە غەرەزلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، «رۇسىيەنىڭ 2017-يىلىدىكى دىپلوماتىيە جەھەتتە مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى».

  غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىنىڭ سايىسى رۇسىيەنى يەنىلا قاپلىماقتا. بىراق، 2017-يىلى رۇسىيە ئىقتىسادى چېكىنىش ھالىتىدىن قۇتۇلدى، ئەسلىگە كېلىش روشەن بولدى.

  پۇتىن 14-دېكابىر مۇنداق دېدى: بۇ يىل رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە سانائەت كۆزلىمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 1.6 ئاشتى. ئۇندىن باشقا، رۇسىيەنىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىدا يۇقىرى رېكورت يارىتىلىپ، 130 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئېشىشى مۇمكىن.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۇنيا مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رۇسىيە مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى شېڭ شىلياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى پۇتىننى رۇسىيەنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىگە ئايلاندۇردى.

  پۇتىن كېلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا مۇستەقىل قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى بولغان «جامائەت پىكرى» فوندى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، % 81 رۇسىيەلىك زۇڭتۇڭ پۇتىننى خىزمەت ئورنىدا «يارايدۇ» دەپ قارىغان؛ % 68 ئامما ئەگەر سايلام ئۆتكۈزۈلسە پۇتىنغا ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  شېڭ شىلياڭ مۇنداق دېدى: پۇتىن رۇسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىدى، رۇسلار ئۇنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدىغان بولدى.

  رۇسىيە 2017-يىلى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە دىپلوماتىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھۇزۇرىنى كۆردى، يەنە بىخەتەرلىك خىرىسىغا بەرداشلىق بەردى.

  رۇسىيەنىڭ غەربىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر لىتۋا قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە قارا دېڭىز ساھىلىدە كۆپ قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ رۇسىيەگە خىرىس قىلدى؛ رۇسىيەنىڭ شىمالىدا، شىمالىي قۇتۇپ رايونىنى ئامېرىكا، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق مەنپەئەتدار تەرەپلەر كەسكىن تالاشماقتا؛ رۇسىيەنىڭ شەرقىدە، جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئاراللىرى (ياپونىيە« شىمالدىكى تۆت ئارال » دەيدۇ)نىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى-رۇسىيە بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ.

  شېڭ شىلياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە ئەزەلدىن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان رۇسىيە بېلارۇسىيە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش، شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوكيان چارلاش پاراخوتلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

  شېڭ شىلياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىقتىساد دۆلەت بىخەتەرلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قانداق تەڭشەش، تېخنىكا تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش، رۇسىيە بۇنىڭدىن كېيىن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر