- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
K170-K69-قېتىملىق پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسى قەشقەرگىچە ئۇزارتىلدى
2018.01.02 15:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاغان يېقىنلىشىپ قالغاندا شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ئىشلەمچىلەر، ساياھەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە پويىز ئارقىلىق يۇرتىغا قايتىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، يېڭى پويىز قاتناش خەرىتىسىنى تەڭشەپ، ئاقسۇدىن شىئەنگە بارىدىغان K170-K69-قېتىملىق پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسىنى قەشقەرگىچە ئۇزارتقان، كورلىدىن چېڭدۇغا بارىدىغان K454 ۋە K452 قېتىملىق پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسىنى قەشقەرگىچە ئۇزارتقان، ئۈرۈمچىدىن خاڭجۇغا بارىدىغان K596 ۋە K594-قېتىملىق پويىزنىڭ قاتناش ئارىلىقىنى ئاقسۇدىن خاڭجۇغا تەڭشىگەن، بۇنىڭ بىلەن شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىز يەتتە جۈپكە يەتكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بىۋاسىتە قاتناش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشىلاپ، ئۇزۇن يوللۇق پويىزنى شىنجاڭدىكى قىسقا يوللارغا سەپلەپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاقسۇدىن شىئەنگە، قەشقەردىن باۋجىغا، غۇلجىدىن شىئەنگە، كورلىدىن چېڭدۇغا بارىدىغان تۆت جۈپ پويىزنىڭ قاتناش مۇساپىسىنى ئۇزارتىپ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى جايلارنىڭ يولۇچى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر