باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنىغا يولغا قويۇلىدۇ

2018.01.02 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، «مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى»ئىلىمىزدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان تۇنجى يەككە باج قانۇنىنى سۈپىتىدە 2018-يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنىدا بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-سانلىق يىغىنىدا 29-نويابىر شىنجاڭدا مۇھىت ئاسراش بېجى كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى لايىھەسى ماقۇللىنىپ، شىنجاڭنىڭ باج قانۇنىدا بەلگىلەنگەن باج سوممىسىنى ئىشلىتىشنىڭ تۆۋەن چېكى، يەنى ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىغا تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى ھەر بۇلغىما مىقدارىغا 1.2 يۈەن، سۇ بۇلغىمىلىرىغا تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى ھەر بۇلغىما مىقدارىغا 1.4 يۈەن بولىدۇ. ئوخشاش بىر جايدىن قويۇپ بېرىلگەن ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرى ۋە سۇ بۇلغىمىلىرى باج تۆلەشكە تېگىشلىك تۈرلەر كۆپەيتىلمەيدۇ دەپ بەلگىلەندى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايون ئەمەلىي بېكىتكەن مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرغۇچى 5276. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋەن خەيچۇەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باج يىغىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشتىكى مۇھىم ئىقتىسادى ۋاسىتە، «ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ باجنى يولغا قويۇش» ئارقىلىق بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنى مۇھىت ئاسراش بېجىغا ئۆزگەرتىشنى يولغا قويغاندا مۇھىتنى بۇلغايدىغان كارخانىلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى توسقىلى بولىدۇ، بۇ كارخانىلار ئارىسىدىكى ئادىل رىقابەتكە پايدىلىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر