باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى 2017-يىلىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى

2018.01.02 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى 2017-يىلىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى، بۇلار ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكىچە:

  1، جۇڭگو ئىدىيەسى خەلقئارانىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى

  2017-يىلى 17-ۋە 18-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى يەنە تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن قارارى ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە تەڭ مەسلىھەت قىلىش، تەڭ بەرپا قىلىش، تەڭ بەھرىلىنىش پىرىنسىپىگە كىرگۈزۈلدى. جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىقى باشلىقلار مۇنبىرى، ئالتۇن كېسەك ئەللىرى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە بىر قاتار ئىجادىي، باشلامچى ۋە مېخانىزملىق مۇھىم نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىپلا قالماستىن يەنە دۇنيانى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە لايىھە ۋە تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۆتۈرۈلدى، تەسىرى زورايدى.

  2، ئامېرىكا بىر ياقلىمىلىققا يۈزلەندى

  2017-يىلى 23-يانۋار، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئاتلىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمىدىن چېكىندى، ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى «پارىژ كېلىشىمى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى، «مۇساپىرلار مەسىلىسى يەرشارى كېلىشىمى»دىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئەلا سىياسىتىنى يولغا قويۇشى بىر ياقلىمىلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ دۇنيا ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىز ئامىل پەيدا قىلىدۇ.

  3، يېرىم ئارال يادرو سىنىقى قىلدى، ھەربىي مانېۋىرنىڭ دەرىجىسى ئۆستى

  2017-يىلى 12-فېۋرال، چاۋشيەن يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان ئوتتۇرا-يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيەلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قويۇپ بەردى، شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، داۋاملىق يادرو سىنىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇدا قارار ماقۇللاپ، چاۋشيەنگە تېخىمۇ قاتتىق جازا قوللاندى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن كورېيە پات-پات ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ناھايىتى نازۇك ۋەزىيىتىنى ئۇدا غىدىقلىدى.

  4، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەرتىپى ناھايىتى تەستە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 29-مارت ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەرتىپىنى رەسمىي باشلىدى، نۇرغۇن قېتىم مۇشەققەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن بەربات بولدى، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كەلدى.

  5، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

  2017-يىلى 6-ۋە 7-ئاپرېل، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن مارئالاگو قورۇقىدا ئۇچرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇردى. 11-ئايدا ترامپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى نۇرغۇن جەھەتلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق رولى ناھايىتى گەۋدىلىك.

  6، قاتار دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى

  ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبلىك مالىمانچىلىقتىن قۇتۇلالمىدى. 2017-يىلى 6-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىر قانچە ئىسلام دۆلىتى بىلەن بىرلىكتە، قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جاكارلىدى، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى پارچىلاندى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 2017-يىلى 6-دېكابىر ئېرۇسالىمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى تېلئاۋىۋدىن يېرۇسالېمغا يۆتكەشنى باشلىدى. ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

  7، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى

  2017-يىلى 6-ئاۋغۇستتىن 8-ئاۋغۇستقىچە، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» رامكىسى ھاسىل قىلىندى. 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» لايىھەسى ھەققىدىكى مەسلىھەتنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەر ماجىرانى مۇناسىۋەتلىك ئەللەر مەسلىھەت قىلىش ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە پۇختىلىدى، رايوندىكى ئەللەر جەنۇبىي دېڭىز قائىدىسىنى تەڭ تۈزۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى.

  8، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2017-يىلى 10-ئۆكتەبىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 2017-ۋە 2018-يىلىدىكى ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆستۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 12-ئايدا ئېلان قىلغان ئىقتىساد دوكلاتىدىمۇ «2017-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى» دېيىلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى «2017-يىلى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %34.6 بولىدۇ» دەپ مۆلچەرلىدى.

  9، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى

  2017-يىلى 18-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى بېكىتىلدى، «يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ باش نىشانى قىلىندى. بۇ جۇڭگونىڭ ئىنسانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا جۇڭگونىڭ پاراسىتى ۋە لايىھەسىنى قوشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  10، ئىسلام دۆلىتى مەغلۇپ بولدى

  2017-يىلى 21-نويابىر ئىراق زۇڭلىسى ئابادى ۋە ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرىشى دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرگە زەربە بولدى، يەرشارىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بېسىمى يېنىكلىمەستىن بەلكى ئېغىرلاپ كەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر