باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى چەتئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى

2018.01.02 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل ھارپىسىدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2018-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى، ئېلىمىزنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق خادىملىرى ۋە چەتئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار بەس بەستە مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئەل قەلبىگە ياقىدۇ، كىشىنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ، كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

  ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى جۇ لياڭۋېي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە جۇڭگو رەھبىرىنىڭ ئومۇملۇقنى كۆزلەش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش روھى ئىپادىلىنىپتۇ، جۇڭگونىڭ كۈندىن كۈنگە قۇدرەت تېپىشى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنى تېخىمۇ ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  كانادا جۇڭگولۇق يۇرتداشلار بىرلەشمە باش جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ياڭ شېن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ 2018-يىلى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى، چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار كۈچىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرنىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسى ، دۇنيا ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  ئامېرىكا چىكاكو سىچۈەن چۇڭچىڭ يۇرتداشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى رېن پىڭپىڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك 2017-يىلى جۇڭگونىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تېز راۋاجلىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەر قولغا كەلدى، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ ئۆسۈشىمۇ چەتئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، دۆلەت قۇدرەت تاپسا خەلق كۈچىيىدۇ.

  جۇڭگو يول كۆۋرۈك مېڭباسا نايروبى تۆمۈر يولى تىرانسپورت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى خۇاڭ جىنسەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە چەتئەللەردىكى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە 19-قۇرۇلتايدا پىلانلانغان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پىلانىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بىز ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەھكەم تۇتۇپ، ئۆتەشكە تېگىشلىك خەلقئارادىكى مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىجادىي كۈچىنى نامايان قىلىمىز.

  نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى شۆياۋ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى كىشى قەلبىنى ئىللىتىدۇ ۋە كۈچ بېرىدۇ.

  جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇبادىكى جۇڭگونىڭ تۆتىنچى تۈركۈم تىنچلىق قوغدىغۇچى پىيادە ئەسكەرلەر گازارمىسىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەدبىر سۆزىنى بىرلىكتە ئاڭلىدى، سىياسىي يېتەكچى پەن گاۋفېڭ مۇنداق دېدى: يېڭى يىلدا پۈتۈن گازارمىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر بۇرچىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى قىلىدۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر