- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە قالدۇردى
2018.01.03 15:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە قالدۇردى
كۇڭ شۇەنيو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىقىغا تەيىنلەندى؛ گاۋ شياڭ دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىقىغا تەيىنلەندى؛ لى شۇشېن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىقىغا تەيىنلەندى؛ يەن چىڭمىن جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە تەيىنلەندى؛ جاڭ جۈن بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىلىقىغا تەيىنلەندى؛ لى يەنروڭ سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىلىقىغا (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك) تەيىنلەندى؛ ۋۇ پۇتې غەربىي شىمال دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىلىقىغا (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك) تەيىنلەندى.
جېڭ شەنجيې گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ رېن شيەنلياڭ دۆلەت ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ۋاڭ ئېنگې جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ يىن شياۋجىڭ (ئايال)، لىن ۋۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ جاڭ توڭ مەركەز ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ خۇ خەييەن بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ شيې خېپىڭ سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر