باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغانلىق پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەرىنى بىلەمسىز؟

2018.01.03 14:28   مەنبە: خەلق تورى

چاغانلىق پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەرىنى بىلەمسىز؟

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- يانۋار، يىلدا بىر قېتىملىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ «بېلەت تالىشىش مۇسابىقىسى» باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بار؟ ھەر بىر يېڭى ئۆزگىرىش ئىچىدە يەنە قانداق يېڭى پاراۋانلىقلار مۇجەسسەملەنگەن؟ قېنى تېز كېلىپ كۆرۈپ باقايلى.

  بىرىنچىسى: بېلەت سېتىۋېلىش ۋاقتى 30 كۈن ئالدىغا سۈرۈلدى.

  2018- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، تور، تېلېفون قاتارلىقلاردا بېلەتنى زاكازلىق سېتىش مۇددىتى 30 كۈن بولدى، ۋوگزال كۆزنىكى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدا ئالدىن سېتىش مۇددىتى 28 كۈن بولدى.

  30 كۈن ئالدىن سېتىش مۇددىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ يىل چاغان ھارپىسىنىڭ (يەنى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى)نىڭ شۇ كۈنلۈك پويىز بېلىتى 17- يانۋاردىن باشلاپ سېتىلىدۇ، 2- ئاينىڭ 21- كۈنىنىڭ پويىزىنىڭ بېلىتى 1- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.

  ئىكككىنچىسى: رىغبەت جۇغلانما نومۇرنى بەلگىلەنگەن بېلەتكە نەقلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈر يول تارماقلىرى «تۆمۈر يولدىكى توسالغۇسىز سەپەر» دائىملىق يولۇچىلار ئەزالىق مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، بىلەت سېتىۋالغاندا ئېرىشكەن رىغبەت جۇغلانما نومۇرلارنى تۆمۈر يول تارماقلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىگەن نۆۋەتلىك پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  مەسىلەن، 100 يۈەنلىك بېلەت سېتىۋالغاندا، 100×5 رىغبەت جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىدۇ. بۇ خىل جۇغلانما نومۇرلار تۇنجى قېتىم 10 مىڭغا يەتكەندە، 12306 تور بېكىتى، «تۆمۈريول 12306» يان تېلېفون APP ياكى بېكەتلەردە تەسىس قىلىنغان مۇلازىمەت كۆزنىكى ئارقىلىق بېلەتكە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. 100 نومۇر بىر يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ بولىدۇ.

  ئۈچىنچىسى: پويىز بېلىتى سېتىۋالغاندا ئۈندىداردا چىقىم قىلىشقا بولىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو تۆمۈر يول خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى 12306 تور بېكىتىنىڭ ئۈندىداردا تۆلەش مۇلازىمەت ئىقتىدارى توردا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلدى. ئۈندىدارى بار يولۇچىلار 12306 تور بېكىتى ۋە يان تېلېفون تېرمىنالىدا پويىز بېلىتى سېتىۋالغاندا، ھەق تۆلەش بېتىدە «ئۈندىدار چىقىمدانى» ئارقىلىق پۇل تۆلەشكە بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «تۆمۈريول 12306» ناملىق ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىغا ئەگىشىپ ھەمدە ھېساباتنى باغلىغاندىن كېيىن، بېلەت سېتىۋېلىش، بېلەت قايتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق ئۇچۇرلار «تۆمۈريول 12306» ناملىق ئۈندىدار جامائەت نومۇرى ئارقىلىق يوللىنىدۇ، پويىزنىڭ مېڭىشىنى تەڭشەش ۋە يان تېلېفون نومۇرىنى تەكشۈرۈش يەنىلا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يوللىنىدۇ.

  تۆتىنچىسى: ئورۇننى ئۆز ئالدىغا تاللاشقا بولىدۇ.

  پويىزدا دېرىزە تۈۋىدىكى ئورۇن ياكى ئۆتەر يول يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇشنى خالايدىغان يولۇچىلار ئورۇننى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. بېلەت سېتىۋېلىش سىستېمىسىدا باش ھەرپى C، D، G بولغان دىۋىگاتىللىق پويىزلاردا ئۆز ئالدىغا ئورۇن تاللاشقا بولىدۇ. ئەگەر ئېشىپ قالغان بېلەتلەر ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاندا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا تەقسىم قىلىدۇ؛ ئەگەر ئورۇن مۇناسىۋىتىنى تاللىمىغاندا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا تەقسىم قىلىدۇ.

  بەشىنچىسى: ئۇدا ئالمىشىش قولايلاشتى

  يولغا چىقىدىغان جاي ۋە بارىدىغان جاي ئارىسىدىكى پويىزنىڭ بېلىتى تۈگىگەن بولسا، ياكى بىۋاسىتە يېتىپ بارىدىغان پويىز يوق بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ 12306 تورى ياكى يانفون تېرمىنالى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالغاندا، «ئۇدا ئالمىشىش» ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە، يېرىم يولدا بىرلا قېتىم پويىز ئالمىشىدىغان بېلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر سېتىۋېلىشنى تاللىغاندا، ئىككى بۆلەك مۇساپىنىڭ بېلىتىنى چىقىم قىلىشنى بىر قېتىمدىلا تاماملاشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى