باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مونجەيىن، چاۋشيەننىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.01.03 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە زۇڭتۇڭى مونجەيىن 2-يانۋار مۇنداق دېدى: چاۋشيەن پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى ۋە كورېيە چاۋشيەن دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، كورېيە تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق كورېيە چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش پۇرسىتىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولۇپ، كورېيە تەرەپ بۇنى قارشى ئالىدۇ.

  مۇنجەيىن مۇنداق دېدى: كورېيە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى بىلەن مەدەنىيەت تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى تېزدىن كېيىنكى لايىھەلەرنى تۈزۈپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ سۆزلىشىشنى تىزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ۋە چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مونجەيىن مۇنداق دېدى: كورېيە چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش بىلەن چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئايرىلالمايدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يېقىندىن كېڭىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر