باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيەدىكى تۈرمىدە كۆتۈرۈلگەن توپىلاڭدا توققۇز ئادەم ئۆلدى، 14 ئادەم يارىلاندى

2018.01.03 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرازىلىيەنى گوياس ئىشتاتىدىكى تۈرمە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئاپپاراتى 1- يانۋار كەچتە دوكلات ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى دېدى: مەزكۇر ئىشتاتىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، توققۇز ئادەم ئۆلدى، 14 ئادەم يارىلاندى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى توپىلاڭ شۇ كۈنى سائەت 14:00 ئەتراپىدا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبى بولسا، تۈرمىدە دۈشمەنلىشىپ قالغان ئىككى گۇرۇھ تەرەپنىڭ قولچوماقچىلىرى ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىپ، ئارقىدىنلا تۇتۇشۇپ كەتكەن، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر تېخى تۈرمىدە ئوت قويۇپ بەرگەن. 106 جىنايەتچى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن، نۆۋەتتە ئۇلاردىن 29 ئادەم تۇتۇلدى.

  توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ساقچى تەرەپتىن تەشكىللەنگەن تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش ساقچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان، ھەمدە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىمۇ تۈرمىگە بېرىپ ئوت ئۆچۈرگەن.

  بىرازىلىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم تۈرمە توپىلاڭ ۋەقەسى يۈز بەردى. 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، بىرازىلىيەنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ئامازون ئىشتاتىدىكى بىر تۈرمىدە توپىلاڭ يۈز بېرىپ، 56 ئادەم ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر