باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئېروسالىمنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2018.01.03 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن 2-يانۋار ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئېروسالىمنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇنى قانۇنسىز دېدى.

  پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇن لايىھەسى ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئېروسالىمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى قانۇنسىز بولۇپ، پەلەستىن خەلقىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېروسالىمنىڭ ئورنىنى چەتتە قالدۇرىدىغان ھەر قانداق سىياسىي لايىھە نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

  پەلەستىن ھۆكۈمىتى، پەلەستىن دېموكراتىك فۇرۇنتى قاتارلىقلارمۇ شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ يېرۇسالېمغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

  ئۇندىن باشقا، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قانۇننى ماقۇللىشى مۇقەددەس شەھەر بىلەن پەلەستىنگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى داۋاملاشتۇرغانلىق، تارىخ بىلەن ئەمەلىيەتنى يالغاندىن ئويدۇرۇپ چىقارغانلىق دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر