ساياھەتچىلەر قۇمقاناس كەنتىدە قار چېچىشماقتا (1-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۈشتىن كېيىنكى ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىدىكى قۇمقاناس كەنتىگە جەم بولۇپ، قار ئېتىشىپ تەبرىكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.
قۇمقاناس كەنتىدىكى ئاپئاق قارلار پاكىز ھەم يۇمشاق بولۇپ، قۇياش نۇرىدا خۇددى ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان ئاپئاق گىلەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. ھەر يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەر خىل شەكىلدىكى ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ، تىزىغىچە كېلىدىغان قارلىقتا ئاپئاق قارلارنى گۈرجەك بىلەن ئېلىپ، تونۇيدىغان ياكى ناتونۇش دوستلارغا چېچىشتى. قار ئۇچقۇنلىرى ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندە بىر پەس كۈلكىلەر كۆتۈرۈلدى، چوڭلار تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى ئۇنتۇدى، بالىلارمۇ قارلىقتا سەبىيلىك بىلەن ئويناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى