باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بەردى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتى

2018.01.03 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 12 مىليون 800 مىڭغا يېتىپ، 11 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت يىللىق نىشاننى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملىدى. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىدەك كۈچلۈك تايانچ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشى نەتىجىسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى. بىر يىلدىن بۇيان، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىدىغان تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇپ، مىليونلىغان ئاممىنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى.

  ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى

  «بىز ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ياخشى دەۋرىگە ئۇلاشتۇق» دېدى تيەنجىن «كوبى» مۇھىت ئاسراش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تاۋ جېڭيۇڭ. ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى كارخانىسى رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كىرېدىتىدىن تارتىپ تەكشۈرۈپ باھالاشقىچە ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ھازىر مەھسۇلات تارقىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. تاۋ جېڭيۇڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدى.

  ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەنبەسى. بىر يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈرلۈك ياخشى سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى قوزغىدى.

  ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يېڭى تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، سىياسەتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، «نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»دە ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كونا سودا ئەسلىھەلىرى، ئىسكىلاتتا ساقلانغان ئەسلىھەلەر، بىكار تۇرغان بىنا، ئوشۇقچە سودا مال-مۈلكىنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىپ ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا ئىلگىرى سۈردى؛ يەرلىكنى تۇنجى قېتىم كىچىك، مىكرو كارخانا قۇرغان ۋە يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شۇنداقلا نورمال تىجارەت قىلغىلى بىر يىلدىن ئاشقان ئىستۇدېنتلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى... سىياسەتنىڭ قاراتمىلىقى ئېشىپ، ياردەم بېرىش سالمىقى تېخىمۇ زورايدى.

  ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەشتە «ئالاقە تورى +»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش تېخىمۇ قولايلىق ھالدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قاپلىدى. تەربىيەلەش ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشىدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىنتايىن مۇھىم. 2017-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە 230 نەچچە قارار ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلار كۇرسى ئېچىلدى؛ شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلار كۇرسى ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇتقۇچىسىدىن 243نى تەربىيەلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر